作曲 : Adila-Abliz
作词 : Adila-Abliz
مېھرىبان ئانا
مېنى ئۆستۈردۈڭ ئاۋايلاپ
كېچە كۈندۈز پەپىلەپ
مېنى قوشتۇڭ ھەم قاتارغا
ھەر سەپەردە يېتىلەپ
خۇددى سۈتتەك ھالال بولدى
ئەجرىڭ ماڭا جان ئانا
سەن مېنى باغرىڭغا باستىڭ
سېنى سۆيسەم ئەركىلەپ
خۇددى سۈتتەك ھالال بولدى
ئەجرىڭ ماڭا جان ئانا
سەن مېنى باغرىڭغا باستىڭ
سېنى سۆيسەم ئەركىلەپ
مېھرىبانىم جان ئانا
غەمگۇزارىم جان ئانا
سەن مېنى باغرىڭغا باستىڭ
سېنى سۆيسەم ئەركىلەپ
سۈت تۈگۈل مېھرىڭنى بەردىڭ
ياشلىقىڭ قالدى مىراس
خۇلق ۋە ھۆسنۈڭنى ئالدىم
خۇش چېراي ئاچتى قۇياش
سۈت تۈگۈل مېھرىڭنى بەردىڭ
ياشلىقىڭ قالدى مىراس
خۇلق ۋە ھۆسنۈڭنى ئالدىم
خۇش چېراي ئاچتى قۇياش
جانا ئانا ئاپئاق سۈتۈڭدەك
يوللۇرۇم ئاقتۇر ھامان
سەن بىلەن كۈلدى كېلەچەك
كۆرۈنمەس كۆزۈمدە ياش
جانا ئانا ئاپئاق سۈتۈڭدەك
يوللۇرۇم ئاقتۇر ھامان
سەن بىلەن كۈلدى كېلەچەك
كۆرۈنمەس كۆزۈمدە ياش
مېھرىبانىم جان ئانا
غەمگۇزارىم جان ئانا
سەن بىلەن كۈلدى كېلەچەك
كۆرۈنمەس كۆزۈمدە ياش
ئەل ماڭا مەستخۇش بولۇپ
دەيدۇ مېنى بىر خۇش ناۋا
ئەل مېنى دەيدۇ بىر خۇش ناۋا
ئەل ماڭا مەستخۇش بولۇپ
دەيدۇ مېنى بىر خۇش ناۋا
ئەل مېنى دەيدۇ بىر خۇش ناۋا
كۈيلۈرۈمنىڭ مەردەيى سەن
چىقمىغاي سەنسىز سادا
تەرىپىڭنى كۈيلىسەم مەن
بىر ئۆمۈر بولماس ئادا
سەن بىلەن تولدى ۋۇجۇدۇمغا
بۈگۈن كۈچ ۋە غورۇر
تەرىپىڭنى كۈيلىسەم مەن
بىر ئۆمۈر بولماس ئادا
مېھرىبانىم جان ئانا
غەمگۇزارىم جان ئانا
تەرىپىڭنى كۈيلىسەم مەن
بىر ئۆمۈر بولماس ئادا
مېھرىبانىم جان ئانا
غەمگۇزارىم جان ئانا
تەرىپىڭنى كۈيلىسەم مەن
بىر ئۆمۈر بولماس ئادا