作词 : 无
作曲 : 无
作词 :无
作曲:无
گۈزەل قىز
كۆرۈپ قالدىم بىر قىزنى گۈزەل باغچىدا ،
ئوت تۇتاشتى يۈرەككە كۆرۈپ ئۇ قىزنى .
كۆرۈپ قالدىم بىر قىزنى گۈزەل باغچىدا ،
ئوت تۇتاشتى يۈرەككە كۆرۈپ ئۇ قىزنى .
كەتكۈم كەلمەس شۇ باغدىن شۇنىڭدىن باشلاپ ،
گۈلگە تەشنا بۇلبۇلدەك كۈتىمەن سىزنى .
كەتكۈم كەلمەس شۇ باغدىن شۇنىڭدىن باشلاپ ،
گۈلگە تەشنا بۇلبۇلدەك كۈتىمەن سىزنى .
مۇزىكا
گۈزەل قىز ………… گۈزەل قىز ،
گۈزەل قىز ، يەنە كېلەمسىز ؟
پەرىمۇسىز ھۆرمۇسىز بۇدۇنيادا بارمۇسىز ؟
پەرىمۇسىز ھۆرمۇسىز بۇدۇنيادا بارمۇسىز ؟
يۈرەككە ئوتنى سېپ قويۇپ نەدە يۈرىسىز ؟
مۇزىكا
تەبەسسۇمدا بىر قىيا بېقىپ ئۆتكىنى ،
چاقماق كەبىي ئوت بولۇپ يىنىپ ئۆچكىنى .
تەبەسسۇمدا بىر قىيا بېقىپ ئۆتكىنى ،
چاقماق كەبىي ئوت بولۇپ يىنىپ ئۆچكىنى ،
يۈرىكىمگە شۇ ئوتنى سېلىپ قاچقىلى ،
نە قىلدىڭىز كۆڭلۈمنى ئېلىپ كەتكىلى .
يۈرىكىمگە شۇ دەرتنى سېلىپ قاچقىلى ،
نە قىلدىڭىز كۆڭلۈمنى ئېلىپ قاچقىلى .
گۈزەل قىز ……… گۈزەل قىز ،
گۈزەل قىز ، يەنە كېلەمسىز ؟
پەرىمۇسىز ھۆرمۇسىز بۇدۇنيادا بارمۇسىز ؟
پەرىمۇسىز ھۆرمۇسىز بۇدۇنيادا بارمۇسىز ؟
يۈرەككە ئوتنى سېپ قويۇپ نەدە يۈرىسىز ؟
يۈرەككە ئوتنى سېپ قويۇپ نەدە يۈرىسىز ؟
تېكىست كىرىشتۈرگۈرگۈچى :
Dilnar·kaysar