جان دادام ئەردەك دادام تاغدەك دادام
قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام
سەن كىتىپ ئالەم بۆلەكچە يات ماڭا
سۆزلىرى قايماق ناۋات ياغدەك دادام
سەن كىتىپ ئالەم بۆلەكچە يات ماڭا
سۆزلىرى قايماق ناۋات ياغدەك دادام
ئاھ ئانام بىچارە مەزلۇم قان يۈتەر
نەدە سەن باغرىمدا ۋىجدانلىق دادام
نەدە سەن باغرىمدا ۋىجدانلىق دادام
باللىرىڭ ئىزلەيدۇ ھەريان ئاھ ئۇرۇپ
نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام
باللىرىڭ ئىزلەيدۇ ھەريان ئاھ ئۇرۇپ
نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام
پۇل تېپىپ ئالدىڭغا كەلدىم يۈز تېپىپ
بىر كۈتەي نەلەردە سەن خاندەك دادام
ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام
قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام
ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام
قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام
ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام
قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام
ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام
قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام