作词 : YawRoh/Singer-MULA/阿布奇诺
作曲 : LGlywww/YawRoh
سەن كەتتىڭ يىراقلارغا
سۆيگۈم قالدى تىلىمدا .
تەنھا قالغان بۇ كۆڭلۈمگە .
ئەمدى كىملەر بولۇر ھەمراھ .
لەيلى مەجنۇن بولۇپ كەبى .
بىللە يۈردۇق نۇرغۇن يىللار .
باھاسىنى ئېلىپ كەتتى .
زىمىىستانغا مېنى تاشلاپ .
خىيال قىلىمەن ئۆتمۈش شۇنچە گۈزەل ئىدى .
سەن كەتتىڭ غايىپ بولدى گۈلنىڭ ھىدى .
مەندىكى ئاشۇ ئازابلارنىڭ دەردى .
يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئورۇن ئالدى .
سەن بولغاچقا بىلگەن ئىدىم قەدىر قىممەت ۋە بەختنى .
ئاشۇ گۈزەل ئەسلىمىدىكى مۇھەببەتنىڭ ۋەسلىنى .
رەسىمىڭنى كۆرگەن چېغىمدىكى ھېسسىياتىمنىڭ ئەسلىسى .
يامغۇر ئارىلاش بولغان قارا رەڭدىكى ياش ئىدى .
كىملەر بىلەن ئاشۇ مېنىڭ چىگىك بولغان دەردىمنى .
ئاشىقلىقتا سەرسان بولۇپ كۆڭلۈمنى .
يېرىم كېچىدە دېرىزە تۈۋىدە ناخشا توۋلاپ ئەسلەيتتىم .
سېنىڭ مېنىڭ دەردىمنى چۈشەنگەن شۇ ئاي ئىدى .
باھارسىنى ئېلىپ كەتتى تونۇش مەنزىرە يېتىپ كەلدى .
گۈل گىياھلار بەرگى ياپراق تاشلىدى .
باشلىدى ئايرىلىش نۇرغۇن كۆزنى ياشلىدى .
مېنى تاشلاپ كەتكەن سېنىڭ يۈرىكىڭ تاش ئىدى .
بىلمىدىم سەندىكى ئايرىلىش مەن ئۈچۈنمۇ ياكى .
خىيالغا پاتقان نىيەتلىرىڭنى قاندۇرۇش ئۈچۈنمۇ ياكى .
ئەتراپىڭدا پەرۋانە بولغان نىقاپلارغا سالغان
ۋەدىلىرىڭ بولۇپ قالدى مېنى تاشلىشىڭنىڭ سەۋەبى .
خىيال قىلسام ئۆتمۈشۈمنى كۆزلىرىمگە ياش كېلەتتى .
تارتقان سەنسىز ئازابلىرىمغا پەقەت ئاىلە گۇۋاھچى .
گەرچە سەن ئايرىلساڭمۇ كۆڭلۈمدە بار ، ئىدىڭ .
چۈشلىرىمگە كىرىپلا ئەمەلىيەتتە كەلمىدىڭ .
ساڭا بولغان مۇھەببىتىم يۈرىكىمنى قىلدى پارە .
تەسەللىي ئىزدەيتتىم ئۆزۈمگە ئۇنتېما بارە .
چىقمىدى ھېچ ياقتىن بىر ئاۋاز كىمگە قىلاي ، ئەمدى نالە .
ماڭا قىلغان رەھىمسىز لىكڭ يۈرىكىمنى قىلدى پارە .
ئاسماندىكى يۇلتۇز . شاھىت شۇ ۋەدىلەرگە .
ئايرىلمايمەن دېگەن سۆزلىرىڭ ئەمدى يوق ئېسىڭدە .
ئاسمان ئۆرۈلسىمۇ قورقمايتتىم بولساڭ قېشىمدا .
لېكىن ھازىر باشقا بىرى ئالماشقان ئىدى ، يېنىڭدا .
سەن كەتتىڭ يىراقلارغا
سۆيگۈم قالدى تىلىمدا .
تەنھا قالغان بۇ كۆڭلۈمگە .
ئەمدى كىملەر بولۇر ھەمراھ .
لەيلى مەجنۇن كەبى بولۇپ .
بىللە يۈردۇق نۇرغۇن يىللار .
باھار سېنى ئېلىپ كەتتى .
زىمىستانغا مېنى تاشلاپ .
ياق ، ياق ، ياق .
بولما مەندە يىراق .
غۇۋا نۇر سىز يانمىدى بىر چاغلاردا يانغان چىراغ .
قېينىدى پىراق بۇ جۈپ كۆزلەر يىراق .
ئۆتىى كۈن ئۆتى تۈن .
يۈرەك شۇنچە سىقىلىپ ، چىقىرالمىغان ئۈن .
خىيالىمدىن كەتمەيسەن ، نېچۈن مېنى قىينايسەن .
بارچە ئازاب ماڭا سېلىپ ئەقىدەمنى بىلمەيسەن .
يىگانە قالدىم دېڭىزنىڭدا .
نىشانسىز ، ئازغان كىيىمە
ئازغۇن كۆرۈنۈپ ، كۆزلىرىمگە .
دېڭىز قوينىغا ئالغىن دەيمەن .
مېھىرلىك نەزەر سالغىن
قەلبىمدىن دەردلەر ئالغىن
قايرىلىپ بىر قاراپ قويغىن .
ئەسلىمىلەرنى ئەسلەپ قويغىن .
بىز كۆنگەن ئادەتلەر .
يېزىلدىغۇ ، خاتىرىلەرگە .
بىز ئۆتكۈزگەن شۇ كېچىلەر .
پەقەت بولدى ئەسلىمىلەر .
نالەمنى ئاڭلامسەن .
باغرىڭغا قايتا باسالامسەن .
ھارارەتلىك قوللىرىڭنى .
مۇز تېنىمگە ياقا لامسەن .
سەن كەتتىڭ يىراقلارغا
سۆيگۈم قالدى تىلىمدا .
تەنھا قالغان بۇ كۆڭلۈمگە .
ئەمدى كىملەر بولۇر ھەمراھ .
لەيلى مەجنۇن بولۇپ كەبى .
بىللە يۈردۇق نۇرغۇن يىللار .
باھار سېنى ئېلىپ كەتتى .
زىمىستانغا مېنى تاشلاپ