作词 : UG-N
作曲 : UG-N
مەيلى ئىزدىسەم كۈندۈزدىن ئاينى،
مەيلى بولساممۇ مەجنۇنسىز لەيلى.
قەتئى سۈرىتكىم يوق كۆزۈمدىن ياشنى،
مەيلى بولمىسا سۆيگۈمنىڭ كەينى،
مەيلى بولساممۇ مەجنۇنسىز لەيلى،
سەيلى قىلغۇم بار شۇ كونا جاينى.
UG-N:
ئەي نىگار سەن ئۈچۈن جانىم پىدار
يوقالغۇم يوق يېنىڭدىن بولساڭمۇ مەندىن بىزار
دېگەن ئىدىڭ كەت دەپ
بۇ دېگەن مەكتەپ
يارىشامدۇ ئىككىمىزگە بۇنداق ئۆتۈپ كەتسەك دەپ
سۆزۈڭ شىۋىرغاندەك ئۆتۈپ كەتتى جانىمدىن
كۆزۈڭ يامغۇردەك ياش ئاققۇزدى غايىپتىن
ئۆزۈڭ كېپىنەكتەك ئۇچۇپ كەتتىڭ يانىمدىن
كۈتۈپ سەۋدايىدەك ساراڭ بولدۇمغۇ بىردىن
ئۆتمۈشكە خاتىمە كەلگۈسىنى كۈتىمەن
ئەي گۈزەل ئەي نىگار ، مەن سېنى سۆيىمەن
مەڭگۈگە سۆيىمەن