Guzalimsan 我的美人 - AzmatKurban 艾孜买提
词:麦麦提江·麦合苏提
曲:艾孜买提
乐队伴奏:MLD乐队
گۈزەلىمسەن، ھەسەلىمسەن،
كۆڭلۈمدىكى مەلىكىمسەن.
ساڭا ئىشقىم گويا گۈلخان
ماڭا يالغۇز كېرەگىمسەن.
كەلگىن يارىم، بىلگىن زارىم،
ئالدانمىغىن يامانلارغا،
ئۆزۈڭ كۈتكەن ئىنتىزارىم،
يېتەيلى بىز ئارمانلارغا.
ئېلىپ قاچما كۆزلىرىڭنى،
ئېيتىۋالاي گەپلىرىمنى.
بارچە شاتلىق سېنىڭ بولسۇن ،
ساڭا ئېيتاي كۈيلىرىمنى