作曲 : 阿布来提·阿布力克木
作词 : 韩子勇、沈苇
《ئانارخان》
گۈزەل چېھرىڭ تۇزان ئىچىدە ئايان
ئۇزۇن كېچە قىينار سېنى ھامان
تىرەك ئاستىدا مەن قارايمەن
مەن قارايمەن سەن يارىم تامان
ئانارخان ئانارنىڭ گۈلى
تاڭ پەيتىدە ئېچىلغان بىر گۈل
بۇ قەلبىمگە ئوتنى سالغان گۈل
♬♬♬♬♬
ياز پەسلىدە پۇراق ئاچىسەن
باياۋانغا خۇشبۇي چاچىسەن
مۇقام ساداسى يۈرەك نىداسى
ئانارخان ئاناردەك شېرىن
سەن ئۆزەڭدۇرسەن قەلبىم داۋاسى
باغلىرىمنىڭ يارقىن زىياسى
شەرقتىن بالقىغان قۇياشقا بېقىپ
كۈي قاتىدۇ يۇرتۇم ناۋاسى
ئاھ ئانارخان يارىم ئانارخان
ئاھ ئانارخان جانىم ئانارخان