作词 : Yakup-FM/Parhat FM
作曲 : Yakup-FM
بىزار بولدۇم
بىزار بولدۇم ھەممىدىن،
سۆيگەن ياردا ۋاپا يوق.
يوقاتتىڭكىن نەلەرگە،
ھېچ بىر سەندە ۋىجدان يوق.
بىزار بولدۇم ھەممىدىن،
سۆيگەن ياردا ۋاپا يوق.
يوقاتتىڭكىن نەلەرگە،
ھېچ بىر سەندە ۋىجدان يوق.
ئالداشلىرىڭ ھار كەلدى،
پۈتكۈل دۇنيا تار كەلدى.
ھىيلە بىلەن ياشىما،
تۈلكىلەردىن پەرقىم يوق.
ئالداشلىرىڭ ھار كەلدى،
پۈتكۈل دۇنيا تار كەلدى.
ھىيلە بىلەن ياشىما،
تۈلكىلەردىن پەرقىم يوق.
...مۇزىكا...
ياشقا تولدى بۇ كۆزلەر،
نەدە قالدى ۋەدىلەر.
ۋەدە بېرىپ ئاغزىدا،
تۇرالماسكەن بەزىلەر.
يالۋۇرار دەپ ئويلىما،
يالۋۇرۇشقا رايىم يوق.
بىزار بولدۇم ھەممىدىن،
تېگى پەسكە ۋاقتىم يوق.
يالۋۇرار دەپ ئويلىما،
يالۋۇرۇشقا رايىم يوق.
بىزار بولدۇم ھەممىدىن،
تېگى پەسكە ۋاقتىم يوق.
...مۇزىكا...
كۆرەلمەسلەر ھەر جايدا،
ئەگىپ يۈرەر ئارقامدا.
ھەسەتخورنىڭ كۆزى تۆت ،
يۈردى تالماي ئارماندا.
كۆرەلمەسلەر ھەر جايدا،
ئەگىپ يۈرەر ئارقامدا.
ھەسەتخورنىڭ كۆزى تۆت ،
يۈردى تالماي ئارماندا.
سەكرىمىگىن يۈرۈگۈم،
ئىسىل ياشاپ ئۆتۈپ كەت.
ئۆتنە جاھان يانىدۇ،
ۋاپاسىزنى ئۇنتۇپ كەت.
ئۆتنە جاھان يانىدۇ،
ۋاپاسىزنى ئۇنتۇپ كەت.