作词 : Uigga
作曲 : Uigga/Cs2k9
قۇياش چىقتى شەرىق تىن
قايىتتىم ئۆيگە غەرىق ...
يىراقلاپ كەتتى پەرىق بەك
ئىشىنىمەن زامان چاقپىلەك
ئايلىنىپ قايتىلىنىپ كىلىدۇ سىنىڭمۇ بىشىڭغا
مەسىلە ھەل بولمايدۇ ئارتۇقچە قاغشىغانغا
شۇڭا ئاغىنەم ئالدىرما ئالدىرساڭمۇ بىكا بىكا
ئادەمگە تەسىر قىلىدۇ مۇھىت ئامال قانچە قانچە
مەن ساڭا ئوخشىمايمە ئاسمىتاسسىيە بولۇشنى خالىمايمە
قۇرۇپ بېتون كەبى مۇستەھكەم قورغان تاقابىل تۇرىۋاتىمە
ئۆزگەرتىشكە ئاجىز قۇربۇتۇم توقلالمىسام ھەتتا قورسۇقۇم
چاچلىرىم لەرزان ئۇچۇپ شېۋىرغان ئاراسىدا چىنىپ يوقلۇقۇم
چىرماۋاتقىنى يەنە كونا سۇئال مەن كىم مەن نەرگە تەئەللۇق
سىقىمداپ گىلىمنى تۇرمۇش قىينىغاندا قىلمايتى تەككەللۇپ
مەنسۇپلۇق تۇيغۇسى كەمچىل چۈنكى مەن گويا پىلاستىر خالتا
پىلاستىنكا تېڭشىغۇشتا ماڭا ئەتتىگەنلىك ناشتا
توغرا باشتا قەدەملىرىم قەتتى قامەت بولغۇسى سالماق
كىم ماڭا چىش تىرتاققىچە ئۆچ كىم شۇنچىلىككە ئامراق
ۋاي تاڭ ۋاي دات جاق تويدۇم تەغدىر قىسمەت چاقچىقىغا
قەسەم قىلىمە كۆرىسەن ھامىنى بىر كۈن مىنى تاغ چوقىسىدا
قۇياش چىقتى شەرىق تىن
قايىتتىم ئۆيگە غەرىق ...
يىراقلاپ كەتتى پەرىق بەك
ئىشىنىمەن زامان چاقپىلەك
قۇياش چىقتى شەرىق تىن
قايىتتىم ئۆيگە غەرىق ...
يىراقلاپ كەتتى پەرىق بەك
ئىشىنىمەن زامان چاقپىلەك
قۇياش چىقتى شەرىق تىن
قايىتتىم ئۆيگە غەرىق ...
يىراقلاپ كەتتى پەرىق بەك
ئىشىنىمەن زامان چاقپىلەك