bilamsan/你知道吗 - Mardan~Mahimut
Lyrics by:MARDAN-MAHIMUT
Composed by:MARDAN-MAHIMUT
تالاي تالاي كېچەلەر بولدۇم بىدار ئۇيقۇدىن
يوللىرىڭدا كۆزلىرىم تالغىنىنى بىلەمسەن بىلەمسەن
تالاي تالاي كېچەلەر بولدۇم بىدار ئۇيقۇدىن
يوللىرىڭدا كۆزلىرىم تالغىنىنى بىلەمسەن بىلەمسەن
كۈتۈشلەرگە يەم بولۇپ ئۆتتى كۈنۈم ئارماندا
ھىجران مېنى قوينىغا ئالغىنىنى بىلەمسەن بىلەمسەن
سېنى توۋلاپ ئۈنلىرىم پۈتتى بىراق كەلمىدىڭ
خۇشاللىقىم كۈلكەمنىڭ يۈتكىنىنى بىلەمسەن
زار ئەتمىگىن يولۇڭغا خار ئەتمىگىن قولۇڭدا
سېنى مەندەك بىرسىنىڭ كۈتكىنىنى بىلەمسەن بىلەمسەن
گۈللەر سۇلدى ھالىمغا باغدا بۇلبۇل بىناۋا
ئاھۇ ھەيران تاغدىكى ئازارىمغا بىلەمسەن بىلەمسەن
سېنى ئەبەد كۈتەرمەن يار كۆزۈڭدىن يۈتەرمەن
سەن قالىسەن بىر كۈنى ئۇۋالىمنى بىلەمسەن بىلەمسەن
سېنى توۋلاپ ئۈنلىرىم پۈتتى بىراق كەلمىدىڭ
خۇشاللىقىم كۈلكەمنىڭ يۈتكىنىنى بىلەمسەن
زار ئەتمىگىن يولۇڭغا خار ئەتمىگىن قولۇڭدا
سېنى مەندەك بىرسىنىڭ كۈتكىنىنى بىلەمسەن بىلەمسەن